«ئاراكاندا مىللەتچى بۇددىستلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا سالغان زۇلمى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر»
باش مىنىستىر يىلدىرىم ئاراكاندا مىللەتچى بۇددىستلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا سېلىۋاتقان زۇلمىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
800037
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە قىلغان سۆزىدە، ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەتلىئام توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان ئاراكاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىك 21 – ئەسىردىكى ناھايىتى ئېغىر ئىنسانىي جىنايەت سۈپىتىدە تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالىدۇ. پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقلىرى ئۈچۈنلا ئاجىز ئىنسانلارنى قەستەن ئۆلتۈرۈش <ئىرقىي قىرغىنچىلىق> تىن باشقا نەرسە ئەمەس. جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغاننىڭ ئىسلام دۇنياسى رەھبەرلىرىگە قىلغان چاقىرىقى ئارقىلىق ئاراكان مەسىلىسىدە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى ۋە بۇ ۋەھشىيلىككە خاتىمە بېرىلىشىگە تىلەكداشمىز.»