ناۋاز شەرىفكە قىلىنغان بىيۇروكراتىك مۇداخىلە

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ناۋاز شەرىفكە قىلىنغان بىيۇروكراتىك مۇداخىلە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

797186
ناۋاز شەرىفكە قىلىنغان بىيۇروكراتىك مۇداخىلە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىندا پاكىستان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىفنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. پاكىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇنىڭ رايونغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ناۋاز شەرىفكە قىلىنغان بىيۇروكراتىك مۇداخىلە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

پاكىستاننىڭ بەش ئەزادىن تەشكىل تاپقان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى كوللېگىيەسى، 2017 – يىلى 28 – ئىيۇلدا قارار ماقۇللاپ، پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىفنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ، ھازىرغىچە پاكىستاندا ھۆكۈمەتنىڭ تىزگىنىنى تۇتقان 18 – باش مىنىستىرمۇ 5 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرالمايلا كېتىپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى.

ناۋاز شەرىف، پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى سودا گۇرۇھى ھېسابلىنىدىغان «ئىتتىپاق گۇرۇھى» نىڭ ساھىبى شەرىف ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، 1949 – يىلى لوندوندا دۇنياغا كەلگەن، لاھور ۋە پەنجاپ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان، قانۇن پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. بىرىنچى قېتىم 1990 – يىلى 1- نويابىردىن 1993 – يىلى 18 – ئىيۇلغىچە؛ ئىككىنچى قېتىم 1997 – يىلى 17 – فېۋرالدىن 1999 – يىلى 12 – ئۆكتەبىرگىچە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ناۋاز شەرىف، 2013 – يىلى 5 – ئىيۇندا ئۈچىنچى قېتىم پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى بولغان.

پاكىستان سىياسىتىنى تولۇق مەنىدە چۈشىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش تولىمۇ قىيىن. چۈنكى، پاكىستان سىياسىتى ناھايىتى مۇرەككەپ ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. بۇ چىگىشلىك مۇستەملىكىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان دۆلەتلەردە ئادەتتە يەرلىك سىياسىي قۇرۇلمىلارنىڭ شەكىللىنەلمىگەنلىكى، ئوچۇق – ئاشكارا سىياسىي ئورگانلارنىڭ بولماسلىقى ۋە ھەمىشە دېگۈدەك نورمال سىياسەتكە كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ تۇرىدىغان ئارمىيە ۋە بىيۇروكراتىيەنىڭ كۈچلۈك رولىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. پاكىستان سىياسىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار، پېشقەدەم بىيۇروكراتلار، چوڭ سودىگەرلەر، ئەدلىيە خادىملىرى ۋە دىنىي زاتلار تەشكىل قىلغان بىيۇروكراتىك تۈزۈملەرنىڭ تەسىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ.

پاناما ھۆججەتلىرى، پاكىستان بىيۇروكراتىك تۈزۈمىگە ھۆكۈمەتنى بۇلۇڭغا قىستاش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ۋىكىلېكستىنمۇ كەڭ دائىرىلىك دەپ قارالغان پاناما ھۆججەتلىرى دۇنيا مىقياسىدا تەسىر پەيدا قىلدى. ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ماۋرىسىئو ماكرى ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكوغا ئوخشاش سابىق ياكى نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 12 پىرېزىدېنت ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ قېيىنئاكىسى ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىفكە ئوخشاشلار بۇ ھۆججەتلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ناۋاز شەرىفنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى باج ئوغرىلاش ۋە چىرىكلىك يولى بىلەن تاپقان پۇللىرىنى چەت ئەل بانكىلىرىدا ساقلاش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. پاناما ھۆججەتلىرى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەكسىچە پاكىستان سىياسىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشنىڭ رامكىسىمۇ دەتالاش تېمىسى بولماقتا. ناۋاز شەرىف زىياۋۇلھەق تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان پاكىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ 62 – ماددىسى  1 / ف بۆلۈمىدىكى ھۆكۈملەرنىڭ روھىغا ئاساسەن سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن جازالاندى. مەزكۇر ماددا بىر كىشىنى دۇرۇس ۋە ئىشەنچلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت ياكى رايون مەجلىسلىرىگە ئەزا بولۇشتىن مەھرۇم قىلىشنى مەزمۇن قىلىدۇ. مەسىلىنىڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ناۋاز شەرىفنىڭ پاناما ھۆججەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولمىسىمۇ، بالىلىرى چېتىشلىق چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئەيىبلەشلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇمۇ ئۇچرىدى. ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ناۋاز شەرىف، ئۈچ پەرزەنتى، كىيئوغلى ۋە يېقىن تۇغقىنى بولغان مالىيە مىنىستىرى ئىسھاق دارغا ئۆمۈرۋايەت سىياسەتتىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى پاكىستان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ ناۋاز شەرىف ۋە ئائىلىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قارار قىلدى.

خەلق ئىچىدە پاكىستان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ناۋاز شەرىف ۋە ئائىلىسى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنامىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا تاھىر قادىرى جامائىتىنىڭ بارلىقىغا دائىر سۆز - چۆچەكلەرمۇ تارقالدى. پاكىستاندىكى تاھىر قادىرى جامائىتى بىلەن تۈركىيەدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇلمىسى ئارىسىدا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئوخشاشلىقلار بار. پاكىستاندىكى تاھىر قادىرى ئۆزىنى شەيخۇلئىسلام، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ مەكتەپلىرى ۋە جامائىتى بار. بۇلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇ بىر سىياسىي ئاكتىيور. ئۇزۇن يىللار بويىچە مەسچىت – مەدرىسىلەردە مۇدەررىسلىك قىلىپ، ۋەز ئېيتقاندىن كېيىن كاناداغا بېرىپ ئورۇنلاشقان ۋە دۆلىتىدىكى تەرەپدارلىرىنى سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزگەن. جامائەتنىڭ رەھبىرى تاھىر قادىرى دۆلىتىدە بىخەتەر ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كانادادا ئىستىقامەت قىلماقتا. سايلام نەتىجىلىرىگە ھۆرمەت قىلمىغان قادىرى، 2014 – يىلى قوللىغۇچىلىرىنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى؛ ئۇ قېتىمقى ۋەقەلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى. دىنلار ئارا دىيالوگ پەلسەپىسىنى ياقلايدىغان قادىرى، ھەر خىل ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلىرى ئارقىلىق كېڭىيىشنى نىشان قىلماقتا ۋە بۇ دائىرىدە خەلقئارا ئورگانلارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. جامائەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسۇپلىرىنىڭ پاكىستاننىڭ قانۇن ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىكى تەسىرىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پاكىستاندا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا تاھىر قادىرىنىڭ بار – يوقلۇقى تولۇق شەكىلدە ئايدىڭلاشقىنى يوق. بىراق، قانداقلا بولمىسۇن، نۆۋەتتە پاكىستاندىكى بىيۇروكراتىك قاتلامنىڭ كۈچى ۋە تەسىرى، تۈزۈمنىڭ ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسىلە سىياسىي تۈزۈمنى ئوزۇق قىلىپ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئوچۇق – ئاشكارا بولماسلىق؛ ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ مۇستەقىل بولماسلىقى؛ ئارمىيەنى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ كونترول قىلالماسلىقى؛ بەرداشلىق كۈچى يۇقىرى سىياسىي ئورگانلارنىڭ يېتەرسىزلىكى؛ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان قاتلاملار ئارا پەرق ۋە يىلتىزى چوڭقۇر دېموكراتىيەنىڭ بولماسلىقى پاكىستان سىياسىي سىستېمىسىنى مۇداخىلىلەرگە ئوچۇق ھالەتكە كەلتۈرمەكتە.

تۈركىيەنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى پاكىستان مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان 1947 – يىلى 14 – ئاۋغۇستتىن بۇيان يېقىن دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق تونۇشى ئاساسىدا شەكىللەنمەكتە. 2017 – يىلى بويىچە تۈركىيە – پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ھەر ئىككى دۆلەتتە ھەرخىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە. پاكىستاننىڭ تۈزۈمدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى، شۈبھىسىزكى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى بالداقلارغا كۆتۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر