ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ 27 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى راققە شەھەر مەركىزىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 27 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

798391
ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ 27 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «راققە جىمجىت ھالدا قەتل قىلىنماقتا» ناملىق پائالىيەتچىلەر تورى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە راققە شەھەر مەركىزىنىڭ مۇھاسىرە ئاستىدىكى رايونىغا 133 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ راققەنىڭ بەياز باھچە مەھەللىسىدىكى بىر بىنانى نىشان ئوبيېكتى قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بىنادىكى 27 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ۋە پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ راققە شەھەر مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇملىرى يۈزىسىدىن ھازىرغىچە 450 مىڭدەك پۇقرانىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى، شەھەر مەركىزىدىكى توقۇنۇشلار تۈپەيلى 30 مىڭدەك پۇقرانىڭ توقۇنۇش رايونىدا مۇھاسىرە ئاستىدا قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر