ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ مېكسىكو ئۆلكىسىدىكى خەلق كۇتۇپخانىسىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

798286
ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر كىشىنىڭ نيۇ مېكسىكو ئۆلكىسىنىڭ تېكساس چېگراسىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان 40 مىڭ نوپۇسلۇق كولۋىس شەھىرىدىكى خەلق كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ، ئەتراپقا قالايمىقان ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، كەم دېگەندە ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 4 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمچى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلارغا تەسلىم بولدى. ساقچىلار ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئېيتىشقا بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى، ھۇجۇمچىنى سوراق قىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى قوراللىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «قوراللىق زوراۋانلىق ۋەقەسى ئارخىپى» ناملىق بىر ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگاننىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2017- يىلنىڭ بېشىدىن تاكى 28 – ئاۋغۇستقىچە بولغان جەريانىدا، ئامېرىكىدا 41042 قوراللىق زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، جەمئىي 10197 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر