ئىراق ئارمىيەسى تەلافەر ناھىيە مەركىزىنى دائېشتىن تەلتۈكۈس قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىراقتىكى تۈركمەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرى بولغان تەلافەر ناھىيە مەركىزىگە قاراشلىق بارلىق رايونلارنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

797512
ئىراق ئارمىيەسى تەلافەر ناھىيە مەركىزىنى دائېشتىن تەلتۈكۈس قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەلافەرنى قۇتۇلدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ قوماندانى بىرىگادا گېنېرالى ئابدۇلئەمىر يارۇللاھ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئارمىيەمىزنىڭ بىرونىۋىكلىق قىسىملىرى، ھەشدۇششەئبىگە قاراشلىق 2-، 9-، 11 – قىسىم ئەسكەرلىرى، ئەسكەرى، سانائى، مەئارىد رايونلىرىنى ۋە تەلافەر دەرۋازىسىنى دائېشتىن قۇتۇلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن، ناھىيە مەركىزىنىڭ پۈتكۈل رايونلىرى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. ئۇ، دائېشنىڭ قولىدا پەقەت ئىيادىييە رايونىنىڭ قالغانلىقىنى، ئىراق كۈچلىرىنىڭ بۇ جاينى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، 20 – ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى تەلافەرنى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر