ترامپ مىسىر پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشكەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

796900
ترامپ مىسىر پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ترامپ بىلەن سىسىنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ترامپ سىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بۇ يولدىكى توسالغۇلارنى يوقىتىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، سىسىنىڭمۇ مىسىر بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى زىچ ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر