ئامېرىكا مىسىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، قىلىدىغان ياردەملىرىنى توختاتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يولىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىسىرغا قىلىدىغان ياردەمنىڭ بىر قىسمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

795217
ئامېرىكا مىسىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، قىلىدىغان ياردەملىرىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يولىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىسىرغا قىلىدىغان ياردەمنىڭ بىر قىسمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى، يەنە بىر قىسىمىنى توڭلىتىپ قويىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاقساراي ئەمەلدارلىرىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ تارقاتقان خەۋىرىدە، پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسى رەھبەرلىكىدىكى مىسىردا يۈز بەرگەن دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلاردىن بىئاراملىق ھېس قىلغان ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ، مىسىرغا بېرىدىغان يىللىق ھەربىي ۋە مالىيە ياردەملىرىنى قايتىدىن كەچۈرۈپ، ياردەملەرنىڭ 95 مىليون 700 مىڭ دوللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، يەنە 195 مىليون دوللىرىنى كېچىكتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، مىسىر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يولىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان تەقدىردە، كېچىكتۈرۈلۈشى پىلانلانغان 195 مىليون دوللار ياردەم پۇلىنىڭ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئۇزۇندىن بۇيان مىسىرغا ھەر يىلى 1 مىليارد 300 مىليون دوللار ھەربىي ياردەم بېرىپ كېلىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر