ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەيئەت سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە كىيئوغلى جېيرېد كۇشنېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى.

795221
ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەيئەت سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى بىلەن ئامېرىكا ھەيئىتى ئارىسىدا ئۇچرىشىشتا، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقى قاتارلىقلار باشتا بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.

تەرەپلەرنىڭ «ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ ھەر تۈرلۈك مالىيە مەنبەسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشى» توغرىسىدا ئورتاق قاراش بايان قىلغانلىقى ۋە بۇ دائىرىدە ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى جەريانىدا ئېچىلغان «ئاشقۇن ئىدىيەلەرگە قارشى خەلقئارا كۈرەش مەركىزى» بايرىقى ئاستىدا ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يىغىنغا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خالىد بىن سەلماندىن باشقا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مۇسائىد ئەيبان ۋە مىنىستىر ئورگىنى باشلىقى ياسىر رېيماننىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر