لىۋان ئارمىيەسى دائېشتىن نۇرغۇن جاينى قايتۇرۇۋالدى

لىۋان ئارمىيەسى شەرقتىكى راس بائالبەك، ئەل-فاكىخا ۋە ئەل-كائا ناھىيەلىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا دائېشتىن نۇرغۇن جاينى قايتۇرۇۋالدى.

794999
لىۋان ئارمىيەسى دائېشتىن نۇرغۇن جاينى قايتۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان ئارمىيەسى شەرقتىكى راس بائالبەك، ئەل-فاكىخا ۋە ئەل-كائا ناھىيەلىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان «تاغلارنىڭ شەپىقى»ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تۆتىنچى كۈنىدە، دائېشنىڭ چاڭگىلىدا تۇرۇۋاتقان رايوننىڭ %80نى قايتۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

لىۋان ئارمىيەسى باياناتچىسى ئەلى كەنسۇ مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تۆتىنچى كۈنىدە دائېشنىڭ چاڭگىلىدا تۇرۇۋاتقان رايوننىڭ %80نىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنىپ بىخەتەرلىك ئىشقا ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

كەنسۇ لىۋان ئارمىيەسىنىڭ 100 كىلومېتىرلىق جاينى قايتۇرۇپ ئالغانلىقىنى، دائېشنىڭ بولسا 20 كىلومېتىرلىق جايغا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىۋان ئارمىيەسىنىڭ ئىجىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئادېرىسىدا بۇ ھەقتە تارقالغان ئۇچۇرلاردا، ئەسكەرلەرنىڭ دائېشتىن ئازاد قىلىنغان جايلاردا مىنا ئىزدەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرى ئەسكەرتىلدى.

لىۋان ئارمىيەسى شەرقتىكى راس بائالبەك، ئەل-فاكىخا ۋە ئەل-كائا ناھىيەلىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى 19-ئاۋغۇستتا «تاغلارنىڭ شەپىقى»ناملىق ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.  

بۈگۈن ئەتىگەندە لىۋاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئارسال رايونىغا يېقىن جايدا يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنالارنى تازىلاش خىزمىتى ئەسناسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 1 ئەسكەر ئۆلدى، 4 ئەسكەر يارىلاندى.

ھەربىي ھەرىكەتتە ھازىرغىچە 4 ئەسكەر ئۆلۈپ، 14 ئەسكەر يارىلانغان.


خەتكۈچ: #دائېش , #لىۋان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر