چوڭ دۆلەتلەر ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەشتى

گېرمانىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەشتى.

795295
چوڭ دۆلەتلەر ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېفېن سېيبېرت رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممائۇل ماكرون ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېن قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ  تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، دونباس رايونىدا بۈگۈندىن باشلاپ ئوقۇ-ئوقۇش مەۋسۇمى ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

باياناتچى يەنە رەھبەرلەرنىڭ كۆرۈشۈشتە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ دونباس رايونىدىكى مەكتەپ بالىلىرى ۋە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق بولۇشتىن سىرت رايوننىڭ ئامانلىقىغىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پۇتىن، مېركېل، ماكرون ۋە پوروشېنكو ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان دونباس رايونىدا ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە مىنسك ئەھىنامىسىنىڭ ماددىلىرىنى تەدبىقلاش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈنمۇ كېلىشتى.

ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا دونباس رايونى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن سۈركىلىشگە قارىتا رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئۇكرائىنادىن تەشكىل تاپقان نورماندىيە گۇرۇھى تەرىپىدىن 2015-يىلى فېۋرالدا تۈزۈلگەن مىنىسك ئەھدىنامىسى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئالدىنقى سەپتىن ئېغىر تىپلىق قوراللارنى چېكىندۈرۈشكە ئوخشاش ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر