ئىراق ئارمىيەسى تەلافەردە تۇنجى قېتىم بىر رايوننى دائېشتىن قۇتقۇزدى

مۇھەممەداۋى دەسلەپتە قاتتىق توقۇنۇشلار بولغان بولسىمۇ، ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ دائېشنىڭ مۇداپىئە لېنىيەسىنى بوسۈپ تاشلاپ، مەزكۇر رايوننىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

794707
ئىراق ئارمىيەسى تەلافەردە تۇنجى قېتىم بىر رايوننى دائېشتىن قۇتقۇزدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلغا قاراشلىق تۈركمەن ناھىيەسى تەلافەردە ئىراق ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم بىر رايوننى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئالدى.

ئىراق ئارمىيەسىگە تەۋە ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى باياناتچىسى ئابدۇلەمىر مۇھەممەداۋى «ئامانلىقنى ساقلاش قسىملىرىمىز تەلافەرنىڭ غەربىدىكى كىفاھ ئەل شىمالىي رايونىنى دائېشتىن قۇتقۇزدى» دېدى.

مۇھەممەداۋى دەسلەپتە قاتتىق توقۇنۇشلار بولغان بولسىمۇ، ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ دائېشنىڭ مۇداپىئە لېنىيەسىنى بوسۈپ تاشلاپ، مەزكۇر رايوننىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەلافەر ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان گېنېرال ئابدۇلەمىر ياراللاھمۇ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، 16 – پولك قىسىملىرىنىڭ تەلافەرگە قاراشلىق كېسك نېفىت بازىسىنى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتتى. 

ياراللاھ ئىراق قىسىملىرىنىڭ يەنە، تاشتىييە ۋە تەل ئەلا سىمەن يېزىلىرىنىمۇ قۇتقازغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادى 2 كۈن ئىلگىرى تەلافەرنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ ناھىيەلىرىدىن بىرسى بولغان تەلافەرنىڭ پۈتۈن خەلقى تۈركمەنلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، تەلافەردە ئىيازىييە ۋە مۇھالىبىييە رايونلىرىدىن باشقا يەنە، 47 يېزا مەۋجۇت.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر