لىۋان ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىشقا زەربە بەرمەكتە

لىۋان ئارمىيەسى 2 كۈنلۈك ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىشنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارنىڭ %66 نى قايتۇرۇپ ئالدى.

794320
لىۋان ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىشقا زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى ئارسال يېزىسى ئەتراپىدا يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ 1 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

لىۋان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پارتلاشنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رايوندا ئەتىگەن سەھەردە يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 ئارسال يېزىسى ئەتراپىدا يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنى پاچاقلاپ تاشلاش جەريانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەنە، 4 لىۋان ئەسكىرى يارىدار بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىۋان قىسىملىرىنىڭ دائېش نىشانلىرىغا قارشى راكىتامىيۇت ۋە زەمبىرەك بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان شىددەتلىك ھۇجۇمى ئەتىگەن سەھەردىن تارتىپ داۋاملاشماقتا. 

لىۋان ئارمىيەسى لىۋاننىڭ شەرقىدىكى راس بالبەك، ئەلفاقىھا ۋە ئەلقا يېزىلىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىش ئۇنسۇرلىرىغا قارشى 19 – ئاۋغۇس كۈنى «تاغ شەپىقى» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى.

لىۋان ئارمىيەسى باياناتچىسى پولكاۋنىك ئەبۇ ئىيد ھەرىكەت باشلىنىپ، 2 – كۈنىنىڭ ئاخىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوننىڭ %66 نىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر