سېررالىئوندىكى ئاپەتتە ئۆلگەنلەر سانى 500 گە يەتتى
سېررالىئوننىڭ پايتەختى فىرېتوۋندا ياغقان شىددەتلىك ھۆل – يىغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 500 گە يەتتى.
793805
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ھەپتە سېررالىئوننىڭ پايتەختى فىرېتوۋندا ياغقان شىددەتلىك ھۆل – يىغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 500 گە يەتتى.
پايتەخت فرېتوۋندا مەيدانغا كەلگەن مەزكۇر تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدىن كېيىن ھازىرغىچە ئىزدېرىكى بولمىغانلار سانىنىڭ 1500 ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئالاقىدار ئەمەلدارلار، 2000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.