فىنلاندىيەدە كىشىلەرگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان جىنايەتچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

تۈنۈگۈن (20-ئاۋغۇست) فىنلاندىيەدە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى ئايالنى ئۆلتۈرگەن ۋە سەككىز كىشىنى يارىلاندۇغان جىيايەتچىنىڭ كىملىكى ئېلان قىلىندى.

793710
فىنلاندىيەدە كىشىلەرگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان جىنايەتچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيەنىڭ تۇركۇ شەھىرىدە پىچاقلىق ھۇجۇم سادىر قىلىپ، ئىككى ئايالنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە، سەككىز كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان گۇماندارنىڭ ئابدۇرراھمان مېچكاھ ئىسىملىك 18 ياشلىق ماراكەشلىك مۇساپىر ئىكەنلىكى ئېلان قىلدى.

فىنلاندىيە سوت مەھكىمىسى ئېلخەت ئارقىلىق ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ۋەقە خاراكتېرىنىڭ «تېررورلۇق مەقسەت قىلىنغان جىنايەت ۋە قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سوت مەھكىمىسى ھازىرغىچە داۋالىنىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مېچكاھنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا قولغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر