گېرمانىيە ۋە فىنلاندىيەدە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

گېرمانىيە ۋە فىنلاندىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا جەمئىي 3 كىشى ئۆلۈپ 7 كىشى يارىدار بولدى.

792898
گېرمانىيە ۋە فىنلاندىيەدە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تۇركۇ شەھىرىدە بىر كىشى 8 كىشىگە پىچاق تىقتى. ھۇجۇمدا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 6 كىشى يارىدار بولدى.  

ھۇجۇمدىن كېيىن ئادەم زىچ كوچىغا كىرىۋالغان ھۇجۇم قىلغۇچىنى ساقچىلار پۇتىغا ئوق ئېتىپ تېرىك قولغا چۈشۈردى.

ئالاقىدار مەسئۇللار پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان گۇماندارنىڭ بىرەر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇنسىۋىتى بار ياكى يوقۇلۇقىنىڭ تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلق شەھەر مەركەزلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى.

ۋەقەدىن كېيىن ھېلسىنكى ئايرودورۇمى ۋە پويىز ئىستانسىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ۋۇپپېرتال شەھىرىدىمۇ پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلش ۋەقەسى يۈز بەردى. ھۇجۇمدا بىر كىشى ھاياتىدىن  ئايرىلىپ يەنە بىر كىشى يارىدار بولدى.

ھۇجۇم تۈركلەرگە تەۋە بىر ساتىراشخانا ئالدىدا يۈز بەردى. ۋەقەدىن كېيىن ھۇجۇم قىلغۇچى قېچىپ كەتتى.

ساقچىلار ۋەقە ھەققىدە تېخىچە بىرەر رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى. ۋەقەنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر