ئىسپانىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە بىر مىنىبۇسنىڭ يول چېتىگە چىقىپ ئاممىنى باستۇرۇشى نەتىجىسىدە 13 كىشى ئۆلدى، 100 كىشى يارىلاندى.

792225
ئىسپانىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جوچۇئىم فوم يارىلانغانلاردىن 15 ىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ساقچى ئەمەلدارى جوزېف لۇئىز تراپېرو ھۇجۇم بىلەن چېتىشللىقى بارلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ 2 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ ماراكەشلىك، يەنە بىرىرىنىڭ تېگى ئىسپانىيەنىڭ شىمالىي ئافرىقا زېمىنى بولغان مېلىللالىق ئىسپانىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ۋەقەدىن كېيىن مىنىبۇس شوپۇرىنىڭ قاچقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا شوپۇرنىڭ ئىسمىنىڭ درىس ئوئۇكابىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە  ھەمدە يەنە باشقا بىر قوراللىقنىڭ بىر رېستورانغا بېسىپ كىرىپ، كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا.

ۋەقە يۈز بەرگەن لا رامبلاس ساياھەت رايونىدىكى پويىز ۋە مېترو ئىستانسىلىرى تاقالدى.

كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىدا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.

باش ۋەزىر مارىئانو راجوي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دائىرىلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، تېررورىستلارنىڭ بىرلىكنى ئىشقا ئاشرۇرالىغان بىر خەلقنى ئەسلا يوق قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسپانىيە دۆلىتى ۋە خەلقى ھەمىشە ھۇجۇمدا زىيانغا ئۇچرىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ يېنىدا.»

جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھۇجۇمدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىسپانىيەگە تەزىيە باياناتلىرى ياغماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر