رۇسىيە خىتايدا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرىدۇ

رۇسىيە جىياڭسۇ ئۆلكىسىدە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

792537
رۇسىيە خىتايدا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە خىتايدا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرىدىغانىلقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە دۆلەت يادرو ئېنېرگىيە ئىدارىسى بۇھەقتە يازما بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ رۇسىيەنى جىياڭسۇ ئۆلكىسىدە قۇرۇلىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا ئورۇن ئېلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر لايىھە رۇسىيە دۆلەت يادرو ئېنېرگىيە ئىدارىسىغا قاراشلىق جەنۇبىي ئاسىيا لايىھەلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدۇ.

جەنۇبىي ئاسىيا لايىھەلىرى ئىشخانىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئاندېرېي لېبېدېۋ رۇسىيەنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئورنىتىلىدىغان رېئاكتورلاردىن ئىككىسىنى قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يېڭى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى 2006-يىلى رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن بەرپا قىلىنغان تىيەنۋەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا 20 كىلومېتىر يىراقلىققا قۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر