خىتايدا قۇش زۇكۇمى ئاپىتى يەنە باش كۆتۈردى

خىتايدا 20 مىڭدىن كۆپرەك قاناتلىق ھايۋان قۇش زۇكۇمى ئاپتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.

792612
خىتايدا قۇش زۇكۇمى ئاپىتى يەنە باش كۆتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى گۇيجۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق لوۋدىئەن شەھىرىدە 13 مىڭدىن ئارتۇق قاناتلىق ھايۋاننىڭ قۇش زۇكۇمى ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە بەزى پىرمىلاردا 9752 ھايۋاننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گۇيجۇ ھاياۋاناتلاردىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى نەتىجىسدە، تارقالغان ۋىرۇسنىڭ «H5N6» ۋىرۇسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بولسا، يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان 8110 قاناتلىق ھايۋاننى يوقاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا يەنە، يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

خىتايدا قۇش زۇكۇمى ۋىرۇسى تۈنجى قېتىم 2013 – يىلى بايقالغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر