ئافغانىستاندا بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى

ناتو قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئامېرىكىلىق ئەسكەر ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا ئۆلدى.

791908
ئافغانىستاندا بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائېشقا قارشى ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا يارىلانغان ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان ئەسكەرلىرى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

نانگارخار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ خوڭيانىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىلىق ئەسكەر نانگارخار ۋىلايىتىنىڭ ئاچىن ناھىيەسىدىكى ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا  قازا قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ۋىلايىتىدە دائېشقا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ياردەم بەرمەكتە ئىكەن، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تەخمىنەن 8400 ئەسكىرى بار ئىكەن.

نانگارخار جامائت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 45 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر