خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرۇلىدىغان بولدى

خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوتۇرىسىدا يېڭى بىر ئۇچۇر - ئالاقە مېخانىزمى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

790951
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرۇلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جوسېف دانفورد پايتەخت بېيجىڭدا خىتاي ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى فاڭ فىڭخۈي بىلەن كۆرۈشكەن.

دونالد ترامپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان ھەربىي ساھەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بۇ زىيارەتتە، ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر ئۇچۇر – ئالاقە مېخانىزمى ئۈچۈن رامكا كېلىشىمى ئىمزالانغان.

فاڭ مەنسەپدىشى دانفورد بىلەن بىرلىكتە چاقىرغان يىغىنىدا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ئىلگىرىلەشلەرنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەمكارلىقنىڭ خىتاي بىلەن ئامېرىكىغا نىسبەتەن بىردىن بىر توغرا تاللاش ئىكەنلىكىنى ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇكەممەل شېرىك بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

فاڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئۆزئارا چۈشۈنۈش ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەۋپ ۋە ئوخشىماسلىقلارنى مۇناسىپ ھەم ئۈنۈملۈك يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دانفورد بولسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش مەسىلىلەرنى ئىجابىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

دانفورد «نۇرغۇنلىغان قېيىن مەسىلىلەردە ئوخشاش قاراشقا ئىگە بولمىساقمۇ، ئۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۇن ئوخشاش ۋەدىدە بولماقتىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن.

ئىككى ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقىلىرى يەنە، تەيۋەن ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسى شۇنداقلا كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قۇراللاردىن تازىلاش ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

دانفوردنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە، خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر ھەربىي بازىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مانىۋېرىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر