ھەتەب: سۈرىيە خەلقى تۈرك ئەسكەرلىرىنى ئىككىلەنمەستىن باغرىغا باسىدۇ

سۈرىيە مۇۋەققەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى جەۋۋاد ئەبۇ ھەتەب، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

790451
ھەتەب: سۈرىيە خەلقى تۈرك ئەسكەرلىرىنى ئىككىلەنمەستىن باغرىغا باسىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە مۇۋەققەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى جەۋۋاد ئەبۇ ھەتەب، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئىدلىب خەلقى رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشاش تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىستېلاسىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، تۈرك ئەسكىرى بولسا، بىزنىڭ ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك مەنبەيىمىزدۇر ۋە رايونىمىزگە كەلگەن تەقدىردە، خەلقىمىز ئىككىلەنمەستىن تۈرك ئەسكىرىنى باغرىغا باسىدۇ» دېدى.

يېڭى شەپەق گېزىتنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئەبۇ ھەتەب، «سۈرىيەدە قاراڭغۇ كۈچلەرنىڭ رەزىل پارچىلاش ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلمەكتىمىز. پۈتكۈل شۇملۇق مەركەزلىرى نەزىرىنى ئىدلىبقا تىكتى. بۇ مۇساپىدە تۈركىيە بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك مەنبەيىمىزدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەبۇ ھەتەب، ئىدلىب ھەر قانداق بىر ھۇجۇم ياكى بومباردىمانغا دۇچ كەلگەن تەقدىردە، ئۇنىڭ ھازىرغىچە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن پالاكەتلەرنىڭ ئەڭ ئېغىرى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى.

«تۈركىيە ئورۇن ئالمىغان ھەر قانداق چارە، رايوندىكى ئىنسانىي كىرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ» دېگەن ئەبۇ ھەتەب، «ئىراننىڭ ھىمايىسىدىكى شىئە تەشكىلاتلار، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە پ ك ك سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن خەۋپ ۋە دۈشمەن، دەپ قارىلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سۈرىيە مەسىلىسىگە ئۈزۈل – كېسىل چارە تېپىش تۈركىيە ئورۇن ئالغان بىر پىلان ئارقىلىق روياپقا چىقىشى مۇمكىن، دېگەن ئەبۇ ھەتەب، «تۈركىيە ئارمىيەسى بىزنىڭ ھامىيمىز ۋە ئىنسانىي قىممەت – قاراشلارنى ساقلاپ قالغان دوستىمىز سۈپىتىدە ھەر دائىم يېنىمىزدا تۇردى» دەپ، تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

«سۈرىيە مۇۋەققەت ھۆكۈمىتى ، تۈركىيەنىڭ ئىدلىبقا دائىر چىقىرىدىغان قارارلىرىنى قوللاشقا تەييار» دېگەن باش مىنىستىر ئەبۇ ھەتەب، «تۈركىيە، ئىدلىبتە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، سۈرىيە خەلقىنىڭ يېڭى بىر پاجىئەگە دۇچار بولۇشىنىڭ ئالدى ئالسا، ئارىمىزدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر