ئىران دائېشنىڭ ۋىدېئوسىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى ھەربىي ۋە ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل قۇددۇس كۈچلىرى قوماندانى بىرىگادا گېنېرالى قاسىم سۇلايمانى، دائېشنىڭ ۋىدېئوسىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

788238
ئىران دائېشنىڭ ۋىدېئوسىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى ھەربىي ۋە ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل قۇددۇس كۈچلىرى قوماندانى بىرىگادا گېنېرالى قاسىم سۇلايمانى، دائېشنىڭ دۆلىتىگە تەھدىت سېلىپ تارقاتقان ۋىدېئوسىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە «شېھىدىمىزنىڭ كېسىلگەن بوغۇزى بىلەن قەسەمكى، ھەممىسىنى ئۆلتۈرمەي تۇرمايمىز» دېيىش ئارقىلىق ئىنتىقام ئالىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغان بولدى.

ئىراق – سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان تاناف رايونىدا دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن توقۇنۇش جەريانىدا ئىرانلىق ئەسكەر مۇھسىن ھۇجەجىنى ئەسىر ئېلىۋالغان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئەسكەرنىڭ بوغۇزىنى كەسكەن كۆرۈنۈشلەرنى ئىنتېرنېتتا تارقاتقانىدى.

دائېش ئالدىنقى كۈنىمۇ پارسچە بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقىتىپ، ئىرانغا تېھراندا يېڭى ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر