ترامپ دىپلوماتلىرىنى قوغلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن پۇتىنغا رەھمەت ئېيتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا رۇسىيەدىكى دىپلوماتلىرىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

788176
ترامپ دىپلوماتلىرىنى قوغلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن پۇتىنغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ، بېدمىنستېر نيۇ جېرسىدىكى ترامپ دۆلەتلىك گولف كۇلۇبىدا سۆز قىلىپ، «ئۇنىڭغا (پۇتىنغا) رەھمەت ئېيتىشنى خالايمەن. چۈنكى، خىزمەتچى خادىملارغا قىلىۋاتقان چىقىملارنى قىسقارتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ماڭا كەلسەك، مەن كۆپ ساندا كىشىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن خۇشالمەن. چۈنكى، خىزمەتچى خادىم سانىمىز تېخىمۇ ئازايدى. ئۇلارنىڭ قايتىپ كېتىشى ئۈچۈن، ھېچقانداق سەۋەب يوق» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئامېرىكىنىڭ موسكۋانىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى ئىلگىرى سۈرۈپ رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە قارشى 1 – سېنتەبىردىن ئېتىبارەن رۇسىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكىلىق 755 دىپلوماتنى قىسقارتىپ، ئامېرىكىلىق دىپلوماتلار سانىنى 455 كە چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، قىسقارتىلغان كېيىنكى بۇ سان، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان خادىملىرىنىڭ سانىغا تەڭلىشىدىكەن.

سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما دائىرىلىرى، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا سايلاملىرىغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئىككى دىپلوماتىك ئورنىنى مۇسادىرە قىلىپ، 35 رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر