كۇۋەيت شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

كۇۋەيت شىمالىي كورېيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىش ۋە شىمالىي كورېيە ئىشچىلىرىغا ۋىزا بېرىشنى توڭلىتىش قارارى چىقاردى.

788348
كۇۋەيت شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت شىمالىي كورېيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىشنى قاارار قىلدى. «KUNA» ئاگېنتلىقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن نەقىل قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورېيەگە بىۋاستە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىشنى ئۆز ئالغان بىر قاتار قارارلار چىقىرىلغان.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كۇۋەيتنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا بويسۇنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

شىمالىيە كورېيەگە پۇل ئەۋەتىش ۋە كۇۋەيت ئىقتىسادىي تەرەققىيات فوندى تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان قەرزنى توختىتىش بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ كۇۋەيتتىكى ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتلار سانىنى ئازايتىش قارارلىرىمۇ چىقىرىلغان. كۇۋەيت شىركەتلىرى ياكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەدە ۋاكالەتخانا ئېچىشىمۇ چەكلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر