بېيجىڭ ۋاشىنگتوننى قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

بېيجىڭ، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى سىپېراتىل (نەنشا) تاقىم ئاراللىرىغا يېقىنلىشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، ۋاشىنگتوننى «قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

788085
بېيجىڭ ۋاشىنگتوننى قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە قاراشلىق USS John McCain ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تۈنۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىنلا نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى بىر سۈنئىي ئارالغا يېقىنلاشقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر ئۇرۇش پاراخوتىنى رايوندىن يىراقلىشىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە «خىتاينىڭ ئىگىلىكى ھوقۇقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان بۇ قىلمىشى تۈپەيلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكلىرى» نى ئەسكەرتتى.

فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا چاقىرىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى سۈركىلىشنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، مۇقىم قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېڭ شۇاڭ باياناتىدا، «بەزى رايون سىرتى دۆلەتلەر ئاتالمىش دېڭىز سەپىرى ئەركىنلىكىنى باھانە قىلىپ، رايوندىكى ئىجابىي مۇھىتنى بۇزۇشقا تىرىشماقتا» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتىنىڭ «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ۋەزىيەتنى كىمنىڭ ئۇلغايتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ۋە قايسى تەرەپنىڭ رايوننى ھەربىيلەشتۈرگەنلىكىنى روشەن كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى» گە ئىشارەت قىلغان گېڭ شۇاڭ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەربىي قۇتراتقۇلۇقلىرى خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىغان قەدەملەرنى تاشلىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇ بولسا، «ئامېرىكا تەرەپ خاتالىقىنى تونۇپ، رايوندا دېڭىز سەپىرى ئەركىنلىكى نامى ئاستىدىكى قۇتراتقۇلۇقلىرىغا دەرھال خاتىمە بېرىشى كېرەك» دېيىش ئارقىلىق، ۋاشىنگتوننى «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا كۈچ كۆرسىتىشنى توختىتىش» قا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر