ماتتىس: بىز شىمالىي كورېيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئىزدىنىشلىرىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتىنى ۋە پۇقرالىرىنى ۋەيران قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئويلاشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك» دېدى.

787122
ماتتىس: بىز شىمالىي كورېيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس شىمالىي كورېيە گۇام ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۆزىنى ھەر قانداق ھۇجۇمدىن قوغداش ئۈچۈن يېتەرلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيەنىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە دۇنيا مۇقىملىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاۋازىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. شىمالىي كورېيە ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇشتىن ۋە يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئىزدىنىشلىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتىنى ۋە پۇقرالىرىنى ۋەيران قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئويلاشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك» دېدى.

ماتتىس مۇنداق دېدى:

«ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ كۈچىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ تېز، قاتتىق مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز شىمالىي كورېيە ئۈستىدىن داۋاملىق غەلىبە قىلىدۇ، شىمالىي كورېيە ئۆزى باشلىغان قورال-ياراغ رىقابىتى ياكى توقۇنۇشتا مەغلۇب بولىدۇ.»

شىمالىي كورېيە «12-خۋاسوڭ» (Hwasong-12) ئوتتۇرا ۋە يىراق مۇساپىلىق بالسىتىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بىلەن گۇام ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

گۇام كونگرەسىنىڭ ئەزاسى مادېلىن بورداللو بايانات ئېلان قىلغاندا، بەش بۇرجەكلىك بىنا مەسئۇللىرىنىڭ مەلۇماتىنى ئاساس قىلىپ، گۇام ئارىلىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنى ئامېرىكاغا تەھدىت سېلىشنى توختىتىشنى، ئەگەر بۇ چاقىرىققا قۇلاق سالمىغاندا پىيوڭياڭنىڭ قاتتىق غەزەپكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ: «شىمالىي كورېيە ئۆزىگە ياخشى بولسۇن دېسە، ئامېرىكاغا كۆپ تەھدىت سالماسلىقى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، دۇنيادا ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق غەزەپكە دۇچار بولىدۇ» دەپ ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر