خىتايدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

خىتايدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يارىدار بولغانلارنىڭ سانى 247 دىن 431 غا ئۆرلىدى.

787530
خىتايدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدا سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 گە ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ سانى 431 غا يەتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، جيۇجەيگوۋ ۋىلايىتىدە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 21: 19 ئۆتكەندە يەر يۈزىدىن 20 كېلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يارىدار بولغانلاردىن 18 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن.

ئالاقىدار مەسئۇللار 128 چەتئەللىك بىلەن قوشقاندا جەمئىي 50 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئاپەت رايونىدىن بىخەتەر جايلارغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ۋە ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 19 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 247 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر