خىتايدا ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن رايونلاردا يەر تەۋرىدى

خىتايدا ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن رايونلاردا 7 بال يەر تەۋرەپ 13 كىشى قازا قىلدى.

786429
خىتايدا ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن رايونلاردا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جيۇجەيگوۋ ۋىلايەت مەركىزىدە تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 21.19 دە يەرنىڭ تېگىدىن 20 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 7 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كېلىپ، 13 كىشى قازا قىلغان، 175 كىشى يارىلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، كۆپلىگەن بىنالار يىقىلغان ياكى زىيانغا ئۇچرىغان رايوندا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، چوڭ – چوڭ شارقىراتمىلىرى، كارست يەر تۈزۈلۈشى شەكلى ۋە داڭلىق مىللىي باغچىسى بار جيزەي ۋادىسى جايلاشقان جيۇجەيگوۋ دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، جيۇجەيگوۋدىن تەخمىنەن 3 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۆرتالا ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسىدە يەرنىڭ تېگىدىن 11 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 6.6 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى، قاراماي، چۆچەك، سانجى، غۇلجا، تۇرپان، كورلا قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتايدا يەر تەۋرەش سىزىقلىرى دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىچە سوزۇلغان ساھەلەرگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر