ئامېرىكا ھاشدى شابىنى بومباردىمان قىلدى

باياناتتا: «ئامېرىكىنىڭ بۇ ھۇجۇمى جازاسىز قالمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن ئۇ رايونلارنى ئالقىنىغا كىرگۈزىۋېلىشىغا يول قويمايمىز» دېيىلدى.

785818
ئامېرىكا ھاشدى شابىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراق – سۈرىيە لېنىيەسىدە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھاشدى شابى مىلىتانلىرىنى توپقا تۇتتى.

ھاشدى شابىنىڭ تارمىقىدىكى «كەتائىب سەييىد شۇھەدا» گۇرۇپپىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراق – سۈرىيە لېنىيەسىدە قىسىملىرىمىزنى توپقا تۇتتى» دېيىلدى.

ئىراقنىڭ غەربىدىكى ئەكاشات رايونىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان سۈرىيە تىررېتورىيەسى ئىچىدە تۈنۈگۈن ئەتىگەن يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، نۇرغۇنلىغان ھاشدى شابى مىلتانلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، ئىراق – سۈرىيە چېگراسىدىكى مىلتانلارنىڭ توپقا تۇتۇلىشىغا ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ئامېرىكىنىڭ بۇ ھۇجۇمى جازاسىز قالمايدۇ. ئىراق – سۈرىيە چېگراسىنىڭ قوغدىلىنىشى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولىمىز. ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن ئۇ رايونلارنى ئالقىنىغا كىرگۈزىۋېلىشىغا يول قويمايمىز» دېيىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بايانات بەرگەن ھاشدى شابى مەسئۇلى بولسا، ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىدا 36 مىلىتانىىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 80 مىلىتاننىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەزكۇر مەسئۇل ھۇجۇمنىڭ مىلىتانلار ئىراقتىن سۈرىيەگە ئۆتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىراق ۋە ئامېرىكا بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى ياكى ئامېرىكا مەسئۇللىرى بۇ ھەققتە تېخىچە بىرەر ئېنىقلىما بەرمىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى كونتىروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئىراق – سۈرىيە چېگراسىنىڭ بىر قىسمى ھاشدى شابى مىلىتانلىرىنىڭ كونتىروللۇقىدا ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر