ھۇسىيلار مەئرىبكە باللىستىك بومبا ئاتتى

ھۇسىيلارنىڭ يەمەننىڭ مەئرىب ۋىلايىتىگە ئاتقان باللىستىك بومبىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

785644
ھۇسىيلار مەئرىبكە باللىستىك بومبا ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقنىڭ قوراللىق كۈچلەر مەتبۇئات مەركىزى بايانات بېرىپ، يەمەن ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى بولغان مەئرىب ۋىلايىتىگە ھۇسىيلار تەرىپىدىن ئېتىلغان باللىستىك بومبىلارنىڭ، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەمەننىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ھۇسىيلار، 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانئا قاتارلىق بەزى رايونلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر، 2015 – يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ ھۇسىيلارغا قارشى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە ياردەم قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر