11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدە ئۆلگەن يەنە بىر كىشىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

2001 – يىلى 11 – سېنتەبىردىكى ھۇجۇمدا 2753 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

785786
11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدە ئۆلگەن يەنە بىر كىشىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

ئامېرىكىدا 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىردە نىيويوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن يەنە بىر كىشىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى.

نىيۇيورك ئەدلىيە دوختۇرخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 11 - سېنتەبىر ۋەقىسى يۈز بېرىپ، ئارىدىن 16 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قۇربانلاردىن يەنە بىرىسنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نىيۇيورك ئەدلىيە دوختۇرخانىسى يېڭى DNA تېخنىكىسى ئارقىلىق كىملىكى تەكشۈرۈلگەن ئەر قۇرباننىڭ ئائىلىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىسمى ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدە كىملىكى ئېنىقلانغان قۇربانلار سانىنىڭ 641 گە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2015 – يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

2001 – يىلى 11 – سېنتەبىردىكى ۋەقەدە 4 يولۇچى ئايروپىلان ئېلىپ قېچىلغان ۋە ئۇلاردىن ئىككىسى قوشكىزەك بىناغا سوقۇلغان ئىدى. قالغان ئىككى ئايروپىلان پايتەخت ۋاشىنگىتوندىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا، «F-16» ئايروپىلانلار تەرىپىدىن پېنسىلۋانىيە ساھىلىغا يېقىن جايدا چۈشۈرىۋېتىلگەن ئىدى.

ھۇجۇمدا 2753 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر