ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئامېرىكا ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 3 پۇقرا بىلەن 1 ناتو ئەسكىرى ئۆلدى، 5 ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن بىر تىرجىمان يارىلاندى.

783944
ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت كابۇلنىڭ قاراباغ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەت ئەل كۈچلىرى نىشان قىلىندى.

ئافغانىستاندىكى ناتو ياردەم كۈچلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناتو ئەسكەرلىرى ئافغانىستان ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا  ئادەم بومبا ئۈستىگە تېڭىۋالغان پارتلاتقۇچنى پارتلاتقان.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئادەم بومبا تالىبان مەنسۇبى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر