ئىنېرپولنىڭ 173 دائېش ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ تىزىملىكىنى تارقاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول)، ياۋروپا ساقچى تەشكىلاتلىرىغا دائېشنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى بولۇش ئېھتىمالى بار ئالتە ياۋروپالىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 173 كىشىنىڭ ئىسمىنى يوللىدى.

783070
ئىنېرپولنىڭ 173 دائېش ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ تىزىملىكىنى تارقاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە چىقىدىغان «Die Welt»  گېزىتى، ئىنتېرپولنىڭ ماي ئېيىدا ئەۋەتكەن مەزكۇر تىزىملىكىدىكى 132 كىشىنىڭ ئىراق، شىمالىي ئافرىقا، پارس قولتۇقى ئەللىرى، تاجىكىستان ۋە باڭلادىش پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى يازدى. تىزىملىكتىكى ياۋروپالىق 6 كىشىنىڭ بولسا، گېرمانىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە ۋە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىن كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، گېرمانىيەدىكى دائېشقا چېتىشلىق كىشىنىڭ شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئۆلكىسىنىڭ سولىنگېن شەھىرىدىن 27 ياشلىق بىر گېرمانىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى، مەزكۇر كىشىنىڭ 2012 – يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا ئالدى بىلەن مىسىرغا، ئۇ يەردىن تۈركىيەگە، ئارقىدىن سۈرىيەگە بارغانلىقى، دائېشنىڭ ئىيۇل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، بۇ كىشىنىڭ راققەدە ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، گېرمانىيە ساقچى تارماقلىرىنىڭ  گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

ئىنتېرپولنىڭ تىزىملىكىدىكى ئىسىملارنىڭ ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدىكى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئەسناسىدا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«Die Welt»  گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى بۇ تىزىملىكنى تەكشۈرۈپ، ئىنتېرپولغا يوللىغان، ئىنتېرپول بولسا، تىزىملىكنى ماي ئېيىدا ياۋروپادىكى ساقچى ئورگانلىرىغا ئەۋەتكەن.

«Die Welt»  گېزىتى، گېرمانىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، دائېشنىڭ بۇ تىزىملىكتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپاغا يوللاشقا ئۇرۇنۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر