خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى تۇنجى ھەربىي بازىسى جىبۇتىدا پائالىيەت باشلىدى

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرىنىڭ بىرى بولغان «گلوبال تايمس»، خىتاينىڭ جىبۇتىدىكى ھەربىي بازىسىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

781521
خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى تۇنجى ھەربىي بازىسى جىبۇتىدا پائالىيەت باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرىنىڭ بىرى بولغان «گلوبال تايمس» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جىبۇتىدا قۇرۇلغان خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى تۇنجى ھەربىي بازىسى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان كۈندە، يەنى بۈگۈن 1 – ئاۋغۇستتا خىزمەتكە كىرىشكەن.

بازىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمىغا جىبۇتى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلى ھەسەن بەخدۇم، باش ئىشتاب باشلىقى زەكەرىيا شەيخ ئىبراھىم، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئىشتىراك قىلدى.

جىبۇتىدىكى بازا، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەدەن قولتۇقى ۋە سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدە ب د ت  تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن چارلاش، مۇھاپىزەت، ئىنسانىي ياردەم، بىرلەشمە مانېۋىر ۋە مەشىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.

خىتاينىڭ مەزكۇر بازىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئەسكەرلەر، 11 – ئىيۇلدا خىتاينىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى بىر پورتتىن مۇراسىملار بىلەن جىبۇتىغا ئۇزۇتۇپ قويۇلغانىدى.

ئافرىقا دۆلىتى جىبۇتى، نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى ئاساسىي ھەرىكەت بازىسىغىمۇ ساھىبخانلىق قىلماقتا.

ئۆزى كىچىك بولسىمۇ، ئەدەن قولتۇقى بىلەن قىزىل دېڭىز تۇتۇشىدىغان نۇقتىغا ئورۇنلاشقان، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى جىبۇتىدا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق باشقا بەزى ئەللەرنىڭمۇ ھەربىي مەۋجۇدىيىتى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر