قاتار ئېمبارگو قويغان دۆلەتلەرگە يەنە بويۇن ئەگمىدى

قاتار سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شەرتلىك دىيالوگ تەلىپىنى رەت قىلدى.

780749
قاتار ئېمبارگو قويغان دۆلەتلەرگە يەنە بويۇن ئەگمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەين قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان «شەرتلىك دىيالوگ»تەكلىپىنى رەت قىلدى.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇراھمان ئەس-سانى قاتارغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

قاتاردىكى ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەس-سانى مۇنداق دېدى: «ئېمبارگو قويغان دۆلەتلەر بۇنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ.»

سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تۈنۈگۈن بەھرەيندە ئۇچرىشىپ قاتار مەسىلىسى توغرۇلۇق كېڭەش ئۆتكۈزگەنىدى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن بايانات بەرگەن بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ خالىد بىن ئەھمەد ئەل خالىفە: «قاتار بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز، لېكىن بۇ قاتارنىڭ تېررورىزىم ۋە ئاشقۇنلۇقنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشىگە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىغا ۋە 13 ماددىلىق تەلەپلىرىمىزگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇشىغا باغلىق»دېدى.

4 دۆلەتنىڭ قاتارغا قويغان 13 ماددىلىق تەلەپلىرى ئىچىدە قاتارنىڭ قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى قوللىشىغا خاتىمە بېرىش، تېلېۋىزىيە قانىلى ئەل-جەزىرە بىلەن قاتاردىكى تۈركىيەگە تەۋە ھەربىي بازىنى تاقىۋېتىش قاتارلىق ماددىلار بار.

قاتار بۇ تەلەپلەرنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر