گېرمانىيەنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

گېرمانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسىملىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ نېمە سەۋەب بىلەن چۈشۈپ كەتكەتلىكى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

778451
گېرمانىيەنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلىتى مالىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسىملىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى.

ۋەقەدە 2 نەپەر گېرمانىيەلىك ئۇچقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تىك ئۇچار ئايروپىلان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە رايوندا ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى.

«Tiger»  (يولۋاس) تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر