ئەسەد بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك-پ ي د كېلىشتى
ئەسەد بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك-پ ي د نېفىت كىرىملىرىنى بۆلۈشۈش ئۈچۈن كېلىشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك-پ ي د بىلەن ئەسەد ھاكىميىتىنىڭ تېررولۇق تەشكىلاتى ك تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان ھاسەكە ۋىلايىتىدىكى نېفىت بازىلىرىدىن چىقىرىلغان نېفىتنىڭ كىرىملىرىنى ئۈلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ھاسەكەدىكى يەرلىك مەنبەلەردىن ئالغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك – پ ي د بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتى ھاسەكەدىكى 9 نېفىت بازىسىنىى بىرلىكتە كونترول قىلماقتا ئىكەن.
نېفىت ئىشلەپچىقىرش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقان رۇمەيلان، سۇۋەيدىيە ۋە كاراكوچ نېفىت بازىلىرىدىكى تەخمىنەن 350 كىچىك نېفىت قۇدۇقىدىن كۈندە تەخمىنەن 35 مىڭ ۋارىل نېفىت چىقىدىكەن.
پ ك ك –پ ي د رۇمەيلاندىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىنى قايتىدىن سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، نېفىتتىن كېلىدىغان كىرىملەرنى ئۈلۈشۈش ئۈچۈن ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشكەن.
كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، ئەسەد ھاكىمىيىتى نېفىت كىرىمىنىڭ %65نى، پ ك ك-پ ي د بولسا %20نى ئالىدىكەن، ئېشىپ قالغان كىرىم بولسا نېفىت بازىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل يەرلىك ئەرەبلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىكەن.
مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن باشقا خادىملارنىڭ مائاشلىرىنى بولسا ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈستىگە ئالغان.