ئەلنۇسرا تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئەلقائىدەنىڭ سۈرىيە شۆبىسى ھېسابلىنىدىغان ئەلنۇسرا تەشكىلاتى قولغا چۈشۈرگەن دائېش ئەزالىرىنى بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.

777411
ئەلنۇسرا تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبتا ئالدىنقى ھەپتە نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بومبا ھۇجۇمىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى يۈزىسىدىن دائېشقا ئەزا 2 تېررورچىغا شەھەر مەركىزىدە خەلقنىڭ كۆز ئالدىدىلا بېشىغا ئوق ئېتىش شەكلىدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

ئەلنۇسرا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جەرياننى سىنغا ئېلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەشتى ھەمدە باشقا ئۆلۈم جازالىرىنىڭمۇ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە سېگنال بەردى.

ئەلنۇسرا ئىدلىبتىكى پارتلاش ۋە بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقى دائېشنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا دائېشقا ئەزا 120 تېررورچىنى تۇتقان ئىدى.

دائېش 2013 – يىلى ئەلنۇسرا بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، بىر قانچە قېتىم توقۇنۇشقان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئولنۇسرا نۇرغۇن قېتىم بومبا ھۇجۇمىغا دۈچ كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر