نىيۇيوركتا ئورتودوكس يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

نىيۇيوركتا ئورتودوكس يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسجىدى ئەقسانى ئىبادەتكە تاقىۋېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

776859
نىيۇيوركتا ئورتودوكس يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەگە قارشى بولغان ئورتودوكس يەھۇدىيلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدا ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانى ئىبادەتكە تاقىۋېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى بىنا ئالدىغا يىغىلغان بىر تۈركۈم يەھۇدىي، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ئېمبارگو ۋە بېسىملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلار «ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ئىسرائىلىيەنىڭ تۈگىمەس زۇلۇملىرى، پەلەستىن پەلەستىن خەلقىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك»دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر