كابۇلدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ غەربىدىكى كۆپ سانلىق ئاھالىسى شىئەلەردىن تەشكىل تاپقان بىر مەھەللىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

776128
كابۇلدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 24 ئادەم ئۆلدى، 42 ئادەم يارىلاندى.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، ھۇجۇمچىنىڭ ئاپتوموبىل بومبىنى كابۇلنىڭ غەربىدىكى كۆپ سانلىق ئاھالىسى شىئەلەردىن تەشكىل تاپقان بىر مەھەللىدە مەدەن ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇسنىڭ يېنىدا پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنى قايسى تەشكىلاتنىڭ سادىر قىلغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئافغانىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۆپلىگەن سىياسىي رەھبەرلىرى پايتەخت كابۇلنىڭ غەربىي قىسمىدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھازارالارنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد مۇھەققىقمۇ بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر