ئامېرىكانىڭ دوكلاتىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىلغا ئېلىندى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2016-يىللىق تېررورىزم دۆلەتلىرى دوكلاتىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىندى.

774169
ئامېرىكانىڭ دوكلاتىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىلغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۇنيادىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتنىڭ تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا، تۈركىيەنىڭ پ ك ك ۋە دائېشقا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، 2016-يىلى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ تىزىملىكىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2016-يىلى 26-ماي فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قارار چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، «ھۆكۈمەت گۈلەن ھەرىكىتىنى 240 تىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 2100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە مەسئۇل، دەپ قارايدۇ» دېگەن ئىپادىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەللىك تېررورىستلارغا قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى، شۇنداقلا ئەنقەرەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تاشلىغان بەزى قەدەملىرى رەتكە تىزىلدى.

دوكلاتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئورۇن ئاجرىتىلغان قىسىمدا، 2016-يىلى يانۋاردىن 23-نويابىرغىچە دائېشقا چېتىشلىق 1381 چەت ئەللىك بولۇپ، جەمئىي 3089 كىشىنى تۇتقانلىقى، بۇلاردىن 618 چەت ئەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1204 تېررورىستنى قولغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا دائېشقا قارشى باشلىغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن، دائېش ۋە خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقى، دوكلاتنىڭ تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا ئالدىنقى رەتتە تۇرغان مۇھىم تېمىلار بولدى.

دوكلاتتا تۈركىيەنىڭ چەت ئەللىك تېررورىستلارغا قارشى كۈرىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەندىن باشقا، مۇنداق دېيىلدى:

«تۈركىيە ھۆكۈمىتى كىرىشى چەكلەنگەن كىشىلەر تىزىملىكىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئايرودۇرۇملاردا، پورتلاردا، ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا تېررورىست ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىنغان چەت ئەللىكلەرنى بايقاش ئۈچۈن <خەتەرلەرنى ئانالىز قىلىش گۇرۇپپىسى> تەشكىللەپ، چېگرادىكى ھەربىي ۋە ساقچى ئورگانلىرىنى زاپاس قىسىم بىلەن تەمىنلەپ ۋە ئاپپارات-ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەپ، چەت ئەللىك تېررورىستلارنىڭ بايقىلىشى ئۈچۈن كۆپ خىزمەت قىلدى.»

تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ھەسسە قوشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسى ۋە باشقا ھەربىي بازىلىرىنى دائېشقا قارشى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمغا ئېچىۋەتكەنلىكىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىرى ئالاھىدە زىكىر قىلىندى.

دوكلاتتا، 2016-يىلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تۈركىيەدە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغانلىقى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 2015-يىلى ئىيۇل ئېيىدىن ھازىرغىچە 8 مىڭدىن ئارتۇق پ ك ك ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ مەزگىل ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان ئەسكەر، ساقچىلارنىڭ 750 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى تاك (TAK) (كۈردىستان ئەركىنلىك بۈركۈتلىرى) نىڭمۇ دۆلەتتىكى ئاساسىي ئۇل-ئەسلىھەلەرگە، ساياھەتچىلىك مەركەزلىرىگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىلگەن دوكلاتتا، ئامېرىكا بىلەن ناتوغا قارشى ماركىسىزم-لېنىنىزم ئىدىيەسىدىكى تەشكىلات DHKP-C نىڭ پائالىيەتلىرىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتنىڭ پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قولچۇماقچىسى پ ي د، ي پ گ قىسمىدا مۇنداق دېيىلدى:

«تۈركىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى بەزى تەشكىلاتلارنى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلدى. بۇ تەشكىلاتلار، تۈركىيەدىكى ھىزبۇللاھ، تۈركىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى، تۈركىيە ئىشچى-دېھقانلار ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە ماركىسىزم-لېنىنىزم كوممۇنىستىك پارتىيەسى قاتارلىقلاردۇر. تۈركىيە يەنە، قوماندانلىق مەركىزىي سۈرىيەگە جايلاشقان پ ي د بىلەن ئۇنىڭ قوراللىق قانىتى ھېسابلىنىدىغان ي پ گ نى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دەپ قارايدۇ.»

دوكلاتتا، دۇنيا مىقياسىدا 2015-2016-يىللىرىدا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ سانىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكى، 2016-يىلدا 2015-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %9 ئازايغانلىقى، ئىراننىڭ ھازىرمۇ تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە ئىراندىن باشقا، سۇدان ۋە سۈرىيەنىڭمۇ تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئىراننىڭ ئىسىرائىلىيەگە قارشى تەشكىلاتلارغا داۋاملىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى، رايوندىكى ئىراق، سۈرىيە ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

دوكلاتتىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا 11 مىڭ 774 تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، 2016-يىلى بۇ رەقەم 11 مىڭ 72 گە تۆۋەنلىگەن. 2016-يىلى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى2015-يىلدىكى 28 مىڭ 328 دىن 25 مىڭ 621 گە چۈشكەن.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراقتا نۇرغۇن زېمىنلارنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن، كۈچىنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى پەيدا قىلىشقا قاراتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر