رېينا تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قاچقۇن گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلدى

يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدىكى رېينا كېچىلىك كۇلۇبىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قاچقۇن گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلدى.

774147
رېينا تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قاچقۇن گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا يۈز بېرىپ 39 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قاچقۇن گۇماندارى ئىبراھىمجان ئاسپاروۋ دانىيەدە نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىرىنچى باسقۇچتا 4 ھەپتىلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئاسپاروۋنىڭ، تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شەرقىي جەنۇبىي جۇتلاند مۇپەتتىشى دورتې مۆللېر ئاندېرسېن، ئاسپاروۋنىڭ يېڭى يىل كېچىسى بىر كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىگە ئاساسەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان دائېش ئەزاسى ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋنى قوراللار بىلەن تەمىنلىگەن ئاسپاروۋ، قېچىپ بېرىۋالغان دانىيەدە بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قېتىم نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئارقىدىن قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر