پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس خىتاينى زىيارەت قىلدى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

773575
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس خىتاينى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شى جىنپىڭ رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباسنى تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى خەلق چوڭ سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى. تەرەپلەر مۇراسىمدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە سودا ھەمكارلىقىنىڭ كەڭ دائىرىلىك تەرەققىياتىنى تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشتا، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى بويىچە سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «پەلەستىننىڭ پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان ۋە 1967-يىلدىكى چېگرالارنى ئاساس قىلغان تولۇق مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشىنى قوللايمىز» دېدى.

شى جىنپىڭ يەنە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2334-نومۇرلۇق قارارىنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ: «پەلەستىن زېمىنىدا ئىشغال خاراكتېرىگە ئىگە بارلىق تۇرالغۇ رايون بەرپا قىلىش ھەرىكەتلىرى دەرھال توختىتىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ: «پەلەستىن خەلقىنى، قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش دەۋاسىدا ھەر دائىم قىلغىنىمىزدەك، داۋاملىق قوللايمىز. خىتاي مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا پەلەستىن-ئىسىرائىلىيە تىنچلىقىنى مەزمۇن قىلغان كونگرەگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ» دېدى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس پەلەستىن خەلقىنىڭ كۈرىشىنى باشتىن تارتىپ قوللاپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەشەككۈر ئېيتتى. مەھمۇت ئابباس بېيجىڭنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مەھمۇت ئابباس تارىخىي يىپەك يولىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسى دائىرىسىدە خىتاي بىلەن نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى ۋە بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشىدىن مەمنۇنىيەت ھېس قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

تەرەپلەر كۆرۈشۈشتىن كېيىن، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەردە تۈزۈلگەن كېلىشىملەرگە ئىمزا قويدى. مەھمۇت ئابباس شى جىنپىڭغا «پەلەستىن دۆلەتلىك شەرەپ ئوردېنى» تەقدىم قىلدى.

مەھمۇت ئابباس پەيشەنبە (20-ئىيۇل) خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىگە قايتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر