خىتاي ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلدى

ھىندىستانغا قاراشلىق سىككىم ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نۇرغۇن ساندا ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

772935
خىتاي ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ھىندىستانغا راكېتامىيوتلار بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا 158 نەپەر ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پاكىستان مەنبەلىك مەزكۈر خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ راكېتامىيوت، ئاپتوماتىك قورال ۋە كىچىك توپلارنى ئىشلىتىپ قىلغان ھۇجۇمىدا، نۇرغۇنلىغان ھىندىستان ئەسكىرى يارىدار بولغان.

قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرى ھىندىستاننىڭ چېگرا رايونىغا جايلاشقان ھىندىستانغا قاراشلىق سىككىم ئۆلكىسىدە ئالدىنقى ئايمۇ ئۆزئارا توقۇنۇشقان.

خىتاي تەرەپ ئۆز چېگرا تەۋەلىكىدىكى بىر يول قۇرۇلۇشىغا ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئېيتقان، ھەتتا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى رېن گوچياڭ سىككىم ئۆلكىسى چېگراسىدا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

گەرچە ھىندىستان–خىتاي چېگراسىدا يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرى پات–پات توقۇنۇشۇۋاتقان ۋە ئىككى دۆلەت چېگراسىدا ھەر خىل سۈركىلىشلەر يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان مەنبەلىك بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى تېخىچە ئىسپاتلانمىدى.

بۈگۈن تۈركىيەدىكى «www.haber7.com» قاتارلىق بەزى تاراتقۇلاردا پاكىستاننىڭ «دۇنيا نىيۇس» تېلېۋىزىيە قانىلى تارقاتقان خەۋەرنى ئاساس قىلىپ بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىمۇ، خىتاينىڭ ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە 158 ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈپ، نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.  

بىراق، ھىندىستان مەتبۇئاتلىرى بۈگۈن (18-ئىيۇل) بۇ خەۋەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي مەسئۇللىرى پاكىستاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن پاكىستان–ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى كەشمىر مەسلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلماقتا.

خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا پاكىستان تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان خەۋەرنى دەلىللەيدىغان ھېچقانداق ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنمىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر