«ئامېرىكا بىزنى قورقۇتۇش ئۈچۈن تېرە تاراقشىتىۋاتىدۇ،خالاس»

شىمالىي كورېيە مەسئۇللىرى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈنلا تېرە تاراقشتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

772173
«ئامېرىكا بىزنى قورقۇتۇش ئۈچۈن تېرە تاراقشىتىۋاتىدۇ،خالاس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىنىڭ شىمالىي كورېيەنى قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كىم جوڭئۇنغا ئەجەللىك زەربە بېرىدىغانلىقى توغرۇلۇق بايانات بەرگەنلىكىنى، بىراق ئامېرىكىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاشقا تەييار ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇردى.

شىمالىي كورېيە ئىشچى پارتىيەسى مەركەز كومىتېتىنىڭ رەسمىي ئورگانلىرىدىن رودوڭ سىنمۇن گېزىتى ۋاستىسى ئارقىلىق سۆز قىلغان كىم جوڭئۇننىڭ مۇئاۋىنلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ دونالد ترامپنىڭ تەھدىتلىرىدىن قىلچىمۇ قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە ھۇجۇم قوزغاش ئۈچۈن بىزنى دۇنياغا تەھدىت سۈپىتىدە كۆرسىتىشتىن باشقا، ئۆزىنىڭ مۇداپىئەسىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلماقتا.»

باياناتتا يەنە مۇنۇ ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى:

«بۇ شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭىلمەس كۈچى ئالدىدا ھەيران قالغانلارنىڭ قىلىدىغان كۈلكىلىك ئىشىدۇر. شىمالىي كورېيە ئامېرىكىنىڭ چارىسىزچە ھەرىكەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇردى، خالاس.»

كىم جوڭئۇننىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە ئەسكەرلىرى دېڭىز ساھىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېىېرغا قاتنىشىدۇ.

ئاۋسترالىيەنىڭ كىۋېنلەند رايونىنىڭ شىمالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرلار ئاۋسترالىيە مۇداپىئە قىسىمى  بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ھېسابلىنىدىغان تالىسمان سابرې ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى  بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر