ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى پانمۇنجوم يېزىسىنىڭ مۇنداق ھېكايىسى بار

جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيە چېگرادىكى ئەسكەرلەردىن خالىي رايون ھېسابلىنىدىغان پانمۇنجوم يېزىسى يەنە بىر قېتىم تەرەپلەرنىڭ ئۇچرىشىشلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

772323
ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى پانمۇنجوم يېزىسىنىڭ مۇنداق ھېكايىسى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى بىلەن مارت ئېيىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەن كەسكىن ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى نىيەت قىلغان سېئۇل ھۆكۈمىتى، دۈشمەن قېرىندىشىنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى مۇن جائىننىڭ چاقىرىقى بىلەن 21-ئىيۇلدا پانمۇنجومدا ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلۈۋاتقان ئۇچرىشىشتا، ھەربىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

جەنۇبىي كورېيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېئو جۇسېئوك: «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 21-ئىيۇل شىمالىي كورېيە بىلەن پانمۇنجومنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا ھەربىي مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەتلىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەقسىتىمىز يېقىنقى مەزگىللەردە كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ۋە دۈشمەنلەرچە قىلىنىۋاتقان ھەرىكەتلەرنى توختىتىشتۇر» دېدى.

ئىككى دۆلەت ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2015-يىلى پانمۇنجومدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى. جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانىڭ نامى بولغان پانمۇنجوم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەسكەرلەردىن خالىي تۇرماقتا. بىراق، بىتەرەپ رايون سۈپىتىدە ئىككىگە ئايرىلىدۇ. چېگرا ب د ت ئۇرۇش توختىتىش كومىتېتىنىڭ يىغىن بىناسى ئىچىدىكى مۇزاكىرە ئۈستىلىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. مۇزاكىرە ئۈستىلىنىڭ يېرىمى جەنۇبىي كورېيەگە، يېرىمى شىمالىي كورېيەگە تەۋە. مۇزاكىرە ئۈستىلىدىكى چېگراغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپتە ئىككىدىن ئەسكەر پوستا تۇرىدۇ.

يېزىدا چېگرا كېسىپ ئۆتىدىغان بىناغا ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلگەن، بىراق «چېگرا ئۈستىلى» نى قوغدايدىغان ئەسكەرلەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش چەكلەنگەن.

جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيە ئەمەلدارلىرى بۇ ئۈستەلنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئۈستەلدە ئولتۇرغانلارنىڭ قولىنى سوزۇپ قارشى تەرەپكە بىر قانچە سانتىمېتىر ئۆتكۈزۈۋېتىشى «چېگراغا خىلاپلىق قىلىش» ھېسابلىنىپ، ئۇرۇش ھالىتىدىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن. رايوندا جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرى ھەر كۈنى بىر-بىرىنىڭ يۈزىگە قاراپ تۇرىدۇ. بىرسى چېگراغا خىلاپلىق قىلغاندا، يەنە بىرىنىڭ ئوق چىقىرىش ھوقۇقى بار. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىل داۋاملاشقان ۋە چوڭ خانىۋەيرانچىلىقلارغا سەۋەب بولغان ئۇرۇش 1953-يىلى 27-ئىيۇل پانمۇنجومدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى. بىراق، تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانمىغانلىقى ئۈچۈن تەرەپلەر ھازىرغىچە ئۇرۇش ھالىتىدە ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر