ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى چۈشەندۈرۈلمەكتە

15 – ئىيۇلدا تۈركىيە خەلقىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھەمكارلىق ئۈلگىسى يارىتىپ، دېموكراتىيەنى قوغدىغانلىقى تەكىتلەندى.

771170
ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى چۈشەندۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەدىكى چەت ئەللىك ئاخباراتچىلارغا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمەكتە.

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ ۋە لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇرراھمان بىلگىچ ئاخباراتچىلارنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. 

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا ھېمايە قىلىنىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشى گۈلەننىڭ  15 – ئىيۇل ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن بارلىق جىنايەتلىرى ئۈچۈن سوتقا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سەردار قىلىچ ئادىل ئۆكسۈزنىڭ ھەربىي ئىسياندىن 2 كۈن ئىلگىرى پېنسىلۋانىيەدىن ئاخىرىقى بۇيرۇقلارنى ئالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.  ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ تۈركىيەدە يۈرگۈزىلىۋاتقان جىددىي ھالەتكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا يېڭى بىر مىسال بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ، «بىرىنچى بولۇپ بۇ سوئالنى فرانسىيەدىن سورىشىڭلارنى ئارزۇ قىلاتتىم. چۈنكى فىرانسىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى دۆلەت قۇرۇلمىسىغا قىلىنمىغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ فىرانسىيە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى. تۈركىيەدە بولسا، دۆلەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا مۇناسىۋەتلىك بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى ۋە يۈزلىگەن ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنداق ئىكەن جىددىي ھالەتنىڭ ئېلان قىلىنىشغا نېمە ئۈچۈن ھەيران قالىسىلەر؟» دېدى.

15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ 1 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى قورو جايىدا باش ئەلچىسى ئابدۇرراھمان بىلگىچ مۇخبىرلار بىلەن  ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. 

ئۇ سۆزىدە «بىر يىل ئىلگىرى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئىشلار بۇ تەشكىلاتنىڭ باشقا دۆلەتلەردە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. چەت ئەللىك ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا بۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشى تەييار ھالەتتە تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېدى.

15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن چوڭ بىر سىناق بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئابدۇرراھمان بىلگىچ، تۈركىيە خەلقىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھەمكارلىق ئۈلگىسى يارىتىپ، دېموكراتىيەنى قوغدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر