ئۆكتىچىلەر سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرىنى چېكىندۈردى

پايتەخت دەمەشىقنىڭ توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى ئىچىدە ئورۇن ئالغان شەرقىي گۇتادىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن بەششا ر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش داۋام قىلماقتا.

770973
ئۆكتىچىلەر سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرىنى  چېكىندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي گۇتادىكى ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى قوراللىق كۈچلەر جوبارغا قىلغان ھۇجۇمىدا چوڭ تالاپەتكە ئۇچرىدى. توقۇنۇشتا تانكىلار پاچاقلاندى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ نۇرغۇن ئەسكەرلىرى ۋە چەت ئەل قوراللىق كۈچلىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرى ئاين تەرما سېپىدىمۇ ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىدى.

بەششار ئەسەد قىسمىنىڭ ئەتىگەندە ئاين تەرماغا قىلغان ھۇجۇمىدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 12 پۇقرا يارىلانغان ۋە نۇرغۇن كىشى خارابىلىقلار ئاستىدا قالغان بولۇپ، پۇقرالارنى قوغداش ئەترىتى خارابىلىقلار ئاستىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بارلىقى، بىراق سانىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

تۇرالغۇلارنىڭ %80 ى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئېلېكتىر ۋە سۇ بولمىغان جوبار بىلەن ئاين تەرمادا، خەلق سۇ ئېھتىياجىنى قۇدۇقلاردىن، ئېلېكتىرىكىنى گېنېراتورلار ئارقىلىق قامدىماقتا.

شەرقىي گۇتا-تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران 2017-يىلى 3-4-ماي كۈنلىرى ئارىسىدا ئېچىلغان ئاستانا يىغىنىدا بېكىتىلگەن توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر