ياپونىيەدىكى ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

ياپونىيەدىكى ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن باشقا يەنە، 14 كىشى يارىدار بولۈپ، 20 كىشى يوقىلىپ كەتتى.

770057
ياپونىيەدىكى ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدىكى تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئارقىسىدىن كۆرۈلگەن شىددەتلىك يامغۇر ۋە يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 29 غا يەتتى.

«Kyodo» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئالدىنقى ھەپتىدىكى ناممادول تەيفېڭ بورىنى، ئارقىدىنلا كۆرۈلگەن شىددەتلىك يامغۇر ۋە يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن باشقا يەنە، 14 كىشى يارىدار بولۈپ، 20 كىشى يوقىلىپ كەتكەن.

ئالاقىدار مەسئۇللار سەلنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان شەھەرلەرنىڭ فۇكۇكا، ئاساكۇرا ۋە ئويتا ئىكەنلىكىنى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ جىددىي خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھازىرغا قەدەر 1700 كىشىنىڭ بىخەتەر رايونلارغا يۆتكىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر