تۈركىيە - رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا مەسىلىسى ھەل بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ

رۇسىيەنىڭ باش ئەلچىسى ئالېكسېي يېرخوۋ ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا ۋىزا مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

770104
تۈركىيە - رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا مەسىلىسى ھەل بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكسېي يېرخوۋ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە كۈن ئىچىدە مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئالېكسېي يېرخوۋ رۇسىيەدە چىقىدىغان ئىزۋېستىيا گېزىتىگە بايانات بېرىپ، «ۋىزادىكى نورما ۋە شەرتلەر مەسىلىسى ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئارىسىدا داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلە.  ئەگەر ھەممە ئىش پىلانلىغاندەك يۈرىشىدىغان بولسا، بىر قانچە كۈندىن كېيىن بۇ مىنىستىرلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ يېڭى سەھىپىسى باشلىنىدۇ. بۇ مۇزاكىرىلەردە چوقۇم ۋىزا مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر